إعدادات العرض
سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىشىلەرنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر كىشى سەتىر بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن مېڭىشنى مەقسەت…
سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىشىلەرنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر كىشى سەتىر بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن مېڭىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنى ئۆتكۈزمەستىن ئېتىرىۋەتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن، شۈبھىسىزكى ئۇ شەيتاندۇر
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىشىلەرنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر كىشى سەتىر بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن مېڭىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇكىشىنى ئۆتكۈزمەستىن ئېتىرىۋەتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن، شۈبھىسىزكى ئۇ شەيتاندۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئالدىدىن بىرەر كىشىنى ئۆتكىلى قويمىسۇن، ئەگەر ئۇنىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن شەيتان بىرگىدۇر
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tagalog Hausa Kurdî Portuguêsالشرح
نامازخان نامازغا تۇرغاندا كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نامىزىنىڭ ساۋابىنىڭ كەمىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىشقا يۈزلەنگەن بولسا، كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشنى مەقسەت قىلسا مۇلايىملىق بىلەن ئۇ كىشىنى ئېتىرىۋىتىپ ئالدىدىن ئۆتكۈزمىسۇن، ئەگەر ئۇ ئۇنىماستىن ئۆتۈشكە تەمشەلسە، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى يوقىتىپ، ھەددىدىن ئاشقۇچى بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى قول بىلەن قاتتىق ئېتىرىپ توسۇش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلەرنىڭ ئىبادەتلىرىنى بۇزۇشنى، ئۇلارنىڭ نامازلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان شەيتاننىڭ ئىشىدۇرالتصنيفات
نامازنىڭ سۈننەتلىرى