پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى

ۋائىل ئىبنى ھۇجىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا ئىككى ئالقىنى بىلەن ئىككى تېزىنى چىڭ تۇتۇپ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، بۇنداق قىلىش بىلەن رۇكۇدا ئۇچىسى بىلەن بېشىنى باراۋەر قىلىپ مۇستەھكەم تۇرغىلى بولىدۇ، سەجدە قىلغاندا بولسا ئىككى ئالقىنىنى يەرگە قوياتتى، بارماقلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە چاپلاپ ئارىسىنى ھىم قىلاتتى، بۇنىڭ قىبلىگە مۇكەممەل يۈزلىنىشكە ۋە سەجدە قىلىش جەريانىدا جىسمىنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولاتتى

التصنيفات

نامازنىڭ سۈپەتلىرى