ئاللاھ تائالا يولىدا يارىلانغان ھەر قانداق كىشى، قىيامەت كۈنى ئۇ جاراھىتىدىن قان ئاققان ھالدا كېلىدۇ. ئۇ قاننىڭ رەڭگى قان رەڭ، ئەمما پۇرىقى ئەنبەر پۇرايدۇ

ئاللاھ تائالا يولىدا يارىلانغان ھەر قانداق كىشى، قىيامەت كۈنى ئۇ جاراھىتىدىن قان ئاققان ھالدا كېلىدۇ. ئۇ قاننىڭ رەڭگى قان رەڭ، ئەمما پۇرىقى ئەنبەر پۇرايدۇ

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دەيدىكى: ئاللاھ تائالا يولىدا يارىلانغان ھەر قانداق كىشى، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ يارىسىدىن قان ئاققان ھالدا كېلىدۇ. ئۇ قاننىڭ رەڭگى قان رەڭ، ئەمما پۇرىقى ئەنبەر پۇرايدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى ۋە جىھاد قىلغان كىشىنىڭ ئېرىشىدىغان ياخشى مۇكاپاتىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا يارىلانغان كىشى مەيلى ئۇنىڭدا شېھىت بولسۇن ياكى ساقايسۇن، قىيامەت كۈنى پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا جىھاد مېدالى بىلەن كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يارىسى ھۆل رەڭگى قان رەڭ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئەنبەر پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ھالدا كېلىدۇ

التصنيفات

جىھادنىڭ پەزىلىتى