«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا…

«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يېغلاۋاتىمەن» دەپ، ئۇ ئىككىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇ ئىككىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يىغلاپ كېتىشتى

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇبەكرى ئۆمەرگە (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن): «ئۇممۇ ئەيمەن رەزىيەللاھۇ ئەنھانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يوقلىغاندەك بېرىپ يوقلاپ كېلەيلى» دېدى، ئىككىسى ئۇممۇ ئەيمەننىڭكىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ يىغلاپ كەتتى، ئىككەيلەن ئۇنىڭغا: «نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟» دېدى، ئۇممۇ ئەيمەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن» دەپ ئۇ ئىككىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇ ئىككىسىمۇ ئۇممۇ ئەيمەن بىلەن بىللە يىغلاپ كېتىشتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلىرىدا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە ھېرىس ئىدى، رەسۇلۇللاھ ھاياتلىقىدا ماڭغان، ئولتۇرغان، دەسسىگەن ئورۇنلارنى ۋە قىلغان ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنەتتى، بۇ ھەدىس شۇنى تەكىتلەيدۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئايالنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەبۇبەكرى ئۆمەرنىڭمۇ زىيارەت قىلغاندىكى ۋەقەلىكىنى ھىكايە قىلىپ بېرىدۇ. ئىككەيلەن ئۇ ئايالنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۇ ئايال يىغلىدى، ئىككەيلەن: «نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن دۇنيادىكى نەرسىلەردىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟» دېدى، ئۇ ئايال: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن». چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەھىي ئۈزۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەھىي يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسلام شەرىئىتىنى مۇكەممەل قىلدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: {بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم}. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككەيلەن يىغلاشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇممۇ ئەيمەن ئۇ ئىككەيلەنگە ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان ئىشنى ئەسلەتكەن ئىدى

التصنيفات

كىتابلارغا ئىشىنىش, ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى