مەن بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتلىرىمدا، بىر كۈنى چىشى ئىشەككە مېنىپ مىناغا كەلسەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەردە ئوچۇقچۇلۇقتا ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن

مەن بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتلىرىمدا، بىر كۈنى چىشى ئىشەككە مېنىپ مىناغا كەلسەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەردە ئوچۇقچۇلۇقتا ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن بالاغەتكە يېتىپ قالغان ۋاقىتلاردا، بىر كۈنى چىشى ئىشەككە مېنىپ مىناغا كەلسەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەردە ئوچۇقچۇلۇقتا ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، سەپنىڭ ئالدىدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئىشەكتىن چۈشۈپ ئۇنى يايلاش ئۈچۈن قويىۋەتتىم ۋە سەپكە قېتىلىپ ناماز ئوقۇدۇم، مېنى ھېچبىرى ئەيىپلىمىدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىستە شۇنداق خەۋەر بەرگەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەججى قىلغان يىلى مىنادا تۇرغاندا، ئۇ بىر چىشى ئېشەككە مېنىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تام ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش توسالغۇ يوق ئىدى، ئىبنى ئابباس ئېشەككە مىنگەن ھالدا سەپنىڭ ئالدىدىن بىر ئاز ئۆتۈپ توختىدى، ئاندىن ئېشەكنى قويىۋېتىپ نامازغا ئىقتىدا قىلدى. ئۇ، بۇ ۋاقىتتا بالاغەتكە يېتىپ قالغان ئىدى. يەنى بىرەر شەرىئەتكە زىت ئىش سادىر قىلسا ئەيىپلىنىدىغان، نامازخانلارنىڭ نامىزىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ياشتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ياكى ساھابىلەردىن بىرەرسى كايىمىدى ۋە ئۇنى ئەيپلىمىدى

التصنيفات

ئىمام ۋە جامائەتكە ئالاقىدار ھۆكۈملەر