رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ ياققا قاراپ ئۇلىغىىڭ ئۈستىدە بىشى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ نەپلە نامىزىنى ئوقۇيتتى،. ئىبنى…

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ ياققا قاراپ ئۇلىغىىڭ ئۈستىدە بىشى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ نەپلە نامىزىنى ئوقۇيتتى،. ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇنداق قىلاتتى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ تەرەپكە قاراپ ئۇلىغىنىڭ ئۈستىدە نەپلە نامىزىنى ئوقۇيتتى، دېگەن. ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇنداق قىلاتتى. يەنە بىر ھەدىستە: ئۇلۇغى ئۈستىدە ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇيتتى، دەپ كەلگەن. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە لېكىن ئۇلاغ ئۈستىدە پەرز ناماز ئوقۇمايتتى، دەپ كەلگەن. بۇخارى رىۋايىتىدە پەرزدىن باشقا نامازنى ئوقۇيتتى، دېگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىبلە تەرەپ بولمىسىمۇ ئۇلۇغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ تەرەپكە قاراپ ئۇلاغ ئۈستىدە پەقەت نەپلە نامازنىلا ئوقۇيتتى، رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، رۇكۇ، سەجدە قىلىش، قىبلىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن يەرگە چۈشۈپ ئولتۇرمايتتى، مەيلى ئۇ نەپلە، پەرز نامازنىڭ سۈننەتلىرى بولسۇن ياكى سەۋەبلىك نەپلە نامازلار بولسۇن ياكى قانداق بىر نەپلە ناماز بولسا بولسۇن، ئۇنى ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇسا بولىدۇ، يەنە رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنىمۇ ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇيتتى، ئەمما پەرز نامازلارنى ئوقۇمايتتى

التصنيفات

سەپەر قىلىش ئەخلاقى ۋە ھۆكۈملىرى, نەپلە ناماز