تۇرۇڭلار مەن سىلەرگە ناماز ئوقۇپ بىرەي

تۇرۇڭلار مەن سىلەرگە ناماز ئوقۇپ بىرەي

ئەنەس رەزىيەللاھ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى مۇلەيكە تاماق تەييارلاپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چاقىرغان، رەسۇلۇللاھ تاماقنى يەپ بولۇپ: تۇرۇڭلار مەن سىلەرگە ناماز ئوقۇپ بىرەي، دېدى. ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: ئۇزۇن ئىشلەتكەنلىكتىن قارىداپ كەتكەن بىر بورىمىز بار ئىدى. مەن ئۇ بورىغا سۇ سېپىۋىتىپ كەلتۈردۈم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇردى، مەن يەنە بىر يىتىم بالا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا سەپ بولۇپ تۇردۇق، مۇماي بىزنىڭ كەينىمىزدە تۇردى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىزگە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بەردى، ئاندىن قايتىپ كەتتى. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنەس ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن، ئەنەس: رەسۇلۇللاھ مېنى ئوڭ يېنىدا، ئۇ ئايالنى ئارقىمىزدا تۇرغۇزدى، دېگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

مۇلەيكە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تاماق قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چاقىردى، ئاللاھ تائالا ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بۈيۈك ئەخلاق ۋە ئىسىل تەبىئەتلىك ياراتقان، جۈملىدىن ئۇ رەسۇلۇللاھ تولىمۇ كەمتەر ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئورنىنىڭ چوڭلۇقى ۋە شەرەپلىكىگە قارىماي چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، باي-كەمبەغەللەرنىڭ چاقىرغان يېرىگە باراتتى، رەسۇلۇللاھ بۇنىڭ بىلەن ئاجىز-بىچارىلەرنىڭ قەلبىگە ئۈمىت بېغىشلاش، يوقسۇللارغا كەمتەر بولۇش، نادانلارغا تەلىم-تەربىيە بىرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ۋە يۈكسەك نىشانلارنى ئارزۇ قىلىپ ئۇ ئايالنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشتى ۋە ئۆيىگە كېلىپ تامىقىدىن يېدى. ئاندىن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چوڭلار سورۇنىغا باراممايدىغان بۇ ئاجىزلارغا ناماز ھەققىدە تەلىم بىرىشنى ئۈمىد قىلدى ۋە ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىدىن ئوگۈنۈۋېلىشى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ بەرمەكچى بولغاندا، ئەنەس ئۇزۇن تۇرغانلىق ۋە ئىشلەتكەنلىكتىن كونىراپ قارىداپ كەتكەن بىر تال بورىنى يۇيۇپ ئېلىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ بورىنىڭ ئۈستىدە تۇردى، ئەنەس بىلەن بىر يىتىم بالا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىدا سەپ بولۇپ تۇردى، زىياپەت ئىگىسى بولغان بۇ ئايال ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئۇ ئىككى بالىنىڭ كەينىدە سەپ بولۇپ تۇردى، رەسۇلۇللاھ ئىمام بولۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەئۋەت ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتتى. ئاللاھ تائالا ئۇ رەسۇلۇللاھقا رەھمەتلىرىنى ياغدۇرسۇن ۋە بىزلەرنى ئۇنىڭ ئىش-ھەركەت ۋە ئەخلاقىغا ئەگىشىپ مېڭىشقا نىسىپ قىلسۇن!

التصنيفات

ئىمام ۋە جامائەتكە ئالاقىدار ھۆكۈملەر