إعدادات العرض
بۇ ئاجىز كىشى ماۋۇنىڭغا ئوخشاش كىشلەردىن زېمىن توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر
بۇ ئاجىز كىشى ماۋۇنىڭغا ئوخشاش كىشلەردىن زېمىن توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر
سەھلە ئىبنى سەئىد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە: «بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىكراقى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇ بىرەرىگە ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويسا، تەلىپى رەت قىلىنمايدىغان، شۇنداقلا بىرەر كىشىگە شاپائەت قىلسا، شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم تۇردى، ئاندىن يەنە بىر كىشى ئۆتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە: «بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەل كىشىلىرىدىن، ئەگەر ئۇ بىرەرسىگە ئۆيلىنىش تەلىپى قويسا، ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىدىغان، شاپائەت قىلسا شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، سۆز قىلسا سۆزى ئېتبارغا ئېلىنمايدىغان كىشى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن دەۋاتقان كىشىلەر نەزىرىدىكى بۇ ئىتىبارسىز كىشى سەن يۇقىرىدا دېگەن ھىلىقى كىشىلەردەكلەردىن زېمىنغا توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېدى
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Kurdîالشرح
ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئىككى كىشى ئۆتتى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى: قەۋمنىڭ ئىچىدىكى ئابرويلۇق، باشقىلارغا سۆزلىسە گېپى ئۆتىدىغان، سۆزىنى ئاڭلايدىغان، باشقىلارغا تەلەپ قويسا تەلىپى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى، ئىككىنچىسى بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئاجىز كىشىلەردىن بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىناۋىتى يوق، باشقىلارغا تەلەپ قويسا تەلىپى رەت قىلىنىدىغان، شاپائەت قىلسا شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، سۆزلىسە گېپىنى ئاڭلىمايدىغان كىشى ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ كەمبەغەل كىشى مۇنداق ئابرويلۇق كىشىدىن زېمىن توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېدى، يەنى بۇ كەمبەغەل كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا، ئۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز قەۋمى ئىچىدە ئىناۋەتلىك، ئابرويلۇق كىشىدىن زېمىن توشقۇدەك بولغىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا شان-شەرەپ، يۈز-ئابروي، مال، نەسەب، چىرايىڭلارغا قارىماستىن، بەلكى سىلەرنىڭ قەلىبلىرىڭلارغا ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ. ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ چىرايىڭلارغا، مال-مۈلكىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن قەلبىڭلارغا ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ» دېيىلگەن، ئۇنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، 2564-نومۇرلۇق ھەدىس، ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلاردا قەلبىنى ئىسلاھ قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنى كۆپ ئەسلىگۈچى، ئاللاھدىن قورۇققۇچى، ئاللاھ تەرىپىگە قايتقۇچى ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلغۇچى بولىدۇ، بۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىززەت-ھۆرمەتلىكتۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئابروي، مانا بۇ ئاللاھ تائالاغا قەسەم قىلسا، ئاللاھ قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدىغان كىشىدۇرالتصنيفات
زاھىدلىق ۋە تەقۋادارلىق