إعدادات العرض
ئانام بىر ئايلىق روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا ئۇ تۇتالماي قالغان روزىنى تۇتۇپ قويسام بولامدۇ دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئەگەر…
ئانام بىر ئايلىق روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا ئۇ تۇتالماي قالغان روزىنى تۇتۇپ قويسام بولامدۇ دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئەگەر ئانىڭىزنىڭ قەرزى بولسا تولەمتىڭىز؟ دېگەندە، ئۇ كىشى ھەئە دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ئۇ تېخىمۇ ھەقلىقدۇر، دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! ئانام بىر ئايلىق روزىسىنى تۇتالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتۇپ قويسام بولامدۇ دەپ سورىۋېدى، رەسۇلۇللاھ: ئەگەر ئانىڭىزنىڭ قەرزى بولسا تولەمتىڭىز؟ دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ئۇ تېخىمۇ ھەقلىق دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! ئانام رۇزا تۇتۇشنى نەزىر قىلىپ، ئۇنى تۇتالماي ئۆلۈپ كەتكەن، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتۇپ قويسام بولامدۇ دەپ سورىۋېدى. رەسۇلۇللاھ: ئەگەر ئانىڭىزنىڭ قەرزى بولسا ئۇنى تولىسىڭىز قەرزى ئادا بولامتى؟ دېۋىدى، ئۇ ئايال: ھەئە دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنداقتا ئانىڭىز ئۈچۈن روزا تۇتۇڭ، دېدى
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Português Kurdî Русскийالشرح
بۇ ھەدىس ئىككى رىۋايەت ئارقىلىق كەلگەن، كۈچلۈك كۆز قاراشلاردا بۇ ئىككىسى ئىككى ۋەقەلىك بولۇپ، بىرىنچىسى: بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ، ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، بىر ئايلىق قازا روزىسىنى تۇتالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش ھۆكمىنى سورىغان. ئىككىنچىسى: بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغانلىقىنى(نەزىز قىلىش يەنى ئىبادەت ئىشلىرىدىن بىرنى قىلىشنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىشتۇر) ئۇ روزىنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا تۇتۇشىنىڭ ھۆكمىنى سورىدى. رەسۇلۇللاھ ھەر ئىككى كىشىگە روزىنى تۇتۇشقا پەتىۋا بەردى. ئاندىن ئۇلارغا مىسال ئېلىپ چۈشەندۈردى، ئەگەردە ئۇلارنىڭ ئانىلىرىنىڭ ئۈستىدە قەرز بولسا ئۇنى ئىگىسىگە تولەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار شۇنداق قەرزنى قايتۇرىمىز دېدى. رەسۇلۇللاھ: خۇددى ئىنسانلارنىڭ قەرزى قايتۇرۇلغاندەك ئوخشاشلا ئاللاھ تائالانىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش لازىم، دەپ جاۋاب بەردىالتصنيفات
قازا روزىنى تۇتۇش