ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى

ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى

ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «غەررا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قاچىسى بار بولۇپ، ئۇنى تۆت ئەر كۆتىرەتتى. بىر كۈنى كۆپچىلىك چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ بولغاندا ئۇ قاچا نان چىلانغان شورپا بىلەن كەلتۈرۈلدى. ساھابىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئادەم كۆپ بولغاچقا رەسۇلۇللاھ يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. بىر ئەئرابى: بۇ قانداق ئولتۇرۇش؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى» دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: «قاچىنىڭ چۆرىلىرىدىن يەپ، ئۈستىنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئۈستىگە بەرىكەت بېرىلىدۇ» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «غەررا» دەپ ئاتىلىدىغان، تۆت ئەر كۆتىرىدىغان بىر قاچىسى بار ئىدى. بىر كۈنى چاشگاھ ۋاقتىدا، كۆپچىلىك چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ قاچىدا نان چىلانغان شورپا كەلتۈرۈلدى. ساھابىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن رەسۇلۇللاھ قېرىنداشلىرىغا ئورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. سورۇندىكى بىر ئەئرابى رەسۇلۇللانىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئولتۇرىشىنى كۆرۈپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نېمىشقا بۇنداق ئولتۇردىلا؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى» دېدى. رەسۇلۇللاھ چوڭچى، ھاكاۋۇر ئەمەس ئىدى. ئاندىن يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: ئۈستىنى قويۇپ، ئەتراپىدىن يەڭلار، ئۈستىگە بەرىكەت بېرىلىدۇ، دەپ، ئەتراپىدىن يەپ، ئۈستىنى قويۇپ تۇرۇشقا بۇيرىدى ۋە ئۇنىڭ تائامدىكى بەرىكەتنىڭ سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى