فەيرۇز مۇنداق دېدى: مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نىكاھىمدا ئاچا- سىڭىل بار» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككىسىدىن ئۆزۈڭ خالىغان…

فەيرۇز مۇنداق دېدى: مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نىكاھىمدا ئاچا- سىڭىل بار» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككىسىدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىرىنى تالاق قىلغىن» دېدى

زەھھاك ئىبنى فەيرۇز ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نىكاھىمدا ئاچا-سىڭىل بار» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككىسىدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىرىنى تالاق قىلغىن» دېدى

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

يەمەنلىك ساھابى پەيرۇز دەيلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندا ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئاچا-سېڭىل ئىدى، ئىسلامدىن بۇرۇن ئۇلار ئاچا-سېڭىل بىلەن بىراقلا توي قىلىشنى ئەيىپ دەپ قارىمايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئايالى بولىش ئۈچۈن ئىككىسىدىن بىرىنى تاللىۋىلىپ، يەنە بىرىنى تالاق قىلىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئىسلامدا ئىككى ئاچا-سېڭىلنى نىكاھىدا بىللە تۇتۇش توغرا بولمايدۇ

التصنيفات

كاپىرنىڭ نىكاھى, تالاققا ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈملەر