ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرغاندا، ئايالى ئۇنىماي، ئەر ئايالىغا غەزەپلىنىپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ

ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرغاندا، ئايالى ئۇنىماي، ئەر ئايالىغا غەزەپلىنىپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرغاندا، ئايالى ئۇنىماي، ئەر ئايالىغا غەزەپلىنىپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە: ئەر كىشى ئايالىنى جىنسى ئالاقىغە چاقىرسا ئايالىنىڭ بۇ تەلەپكە بويسۇنىشى كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمىغاندا پەرىشتىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان، لېكىن بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە قارىغاندا بۇ پەقەت ئەر غەزەپلەنگەن شارائىتقا قارىتىلغان بولۇپ، ئەر رازى بولۇپ يېتىپ قالسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئايال كېسەل بولسا ياكى تۆشەككە كىلىشتىن چەكلەيدىغان ئۆزرىسى بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئەرنىڭ تەلىپىگە بويسۇنۇپ تۆشەككە كىلىشى كېرەك. بۇ ئەرنىڭ ئايال ئۈستىدىكى ھەققى بولغىنىدەك، ئايال كىشى ئىرىدىن يۇقارقىلارنى ئارزۇ قىلغاندا ئەر بولغۇچىمۇ ئايالىنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىشى لازىم، چۈنكى ئاللاھ تائالا: «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن

التصنيفات

ئاياللارغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر