إعدادات العرض
ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن باشقا ئىشلاردا ئالى جاناپ كىشىلەرنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كەچۈرىۋىتىڭلار
ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن باشقا ئىشلاردا ئالى جاناپ كىشىلەرنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كەچۈرىۋىتىڭلار
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن باشقا ئىشلاردا ئالى جاناپ كىشىلەرنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كەچۈرىۋىتىڭلار»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الشرح
بۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قازى-سوتچىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئېسىل، ئالى جاناپ كىشىلەردىن تاسادىپى يۈز بېرىدىغان يىتەرسىزلىك بولسا ئۇلارنى جازالىماسلىق ياكى باشقىلارغا نىسبەتەن ئۇلاردىن يەڭگىللىتىشنى تەلىم بەردى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىش، كەچۈرۈش پەقەت شەرئى ھاكىملارنىڭ ئىجتىھادى بىلەن بولىدىغان ئەدەپلەش جازالىرىدا بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىدا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى بىكار قىلىنمايدۇ، ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى ئورۇن مەرتىۋىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر قانداق ئادەمگە ئىجرا قىلىنىدۇالتصنيفات
جازا قانۇنلىرى