إعدادات العرض
جابىر رىۋايەت قىلغان خەۋپ نامىزىنىڭ سۈپىتى
جابىر رىۋايەت قىلغان خەۋپ نامىزىنىڭ سۈپىتى
جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن خەۋپ نامىزىغا قاتناشتىم، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىدا ئىككى سەپ بولۇپ تۇردۇق، دۈشمەن بىز بىلەن قىبلە ئارىلىقىدا ئىدى، رەسۇلۇللاھ تەكبىر ئوقۇدى، ھەممىمىز تەكبىر ئوقۇدۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ رۇكۇ قىلدى، بارلىق جامائەت رۇكۇ قىلدۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ رۇكۇدىن تۇردى، بىزمۇ ھەم تۇردۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى سەپ سەجدىگە باردى، ئارقىدىكى سەپ دۈشمەن قارشىسىدا ئۆرە تۇردى، رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى سەپ سەجدىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرغاندا، ئارقىدىكى سەپ سەجدىگە باردى، ئۇلار سەجدىدىن تۇرغاندا، كەينىدىكى سەپ ئالدىغا، ئالدىدىكى سەپ كەينىگە ئۆتۈپ ئورۇن ئالماشتۇردى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇكۇ قىلدى، بىز ھەممىمىز رۇكۇ قىلدۇق، ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە بىزمۇ بېشىمىزنى كۆتۈردۇق، ئاندىن رەسۇلۇللا ۋە يىنىدىكى سەپتىكىلەر (بىرىنچى رەكەتتە ئارقىدا تۇرغانلار) سەجدىگە باردى، ئارقا سەپتىكىلەر دۈشمەن قارشىسىدا ئۆرە تۇردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋە يىنىدىكى سەپتىكىلەر سەجدىنى تۈگەتكەندە ئارقا سەپتىكىلەر سەجدىگە باردى، ئۇلار ھەممىسى سەجدە قىلىپ بولغاندا رەسۇلۇللاھ سالام بەردى، بىزمۇ سالام بەردۇق»، جابىر: «خۇددى قوغدۇغۇچىلىرىڭلار باشلىقلىرىغا تۇرغاندەك» دېدى. بۇخارى بۇ ھەدىسنىڭ بىر قىسمىنى رىۋايەت قىلىپ: جابىر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن «زاتۇر رىقا» دېگەن يەتتىنچى قېتىملىق غازاتتا خەۋپ نامىزى ئوقۇغان» دېگەن
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Portuguêsالشرح
بۇ ھەدىستە خەۋپ نامىزىنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنغان، دۈشمەن قىبلە تەرەپكە ئورۇنلاشقان ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشۇننى ئىككىگە بۆلگەن، بىر قىسمى ئالدى سەپ، يەنە بىر قىسىمى ئارقا سەپ بولۈپ تۇرغان، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا نامازنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ھەممەيلەن تەكبىر، قىرائەت، رۇكۇ ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرۈشنى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە قىلىدۇ، ئەمما رەسۇلۇللاھ سەجدىگە بارغاندا بىرىنچى سەپ بىللە سەجدىگە بارغان، سەجدىدىن ئىككىنچى رەكەتكە تۇرغاندا، قاراۋۇللۇقتا تۇرغان ئارقا سەپتىكىلەر سەجدىگە بارغان، ئۇلار سەجدىدىن تۇرغاندا، بىرىنچى سەپتىكىلەر پۈتكۈل نامازدا ئورنىدا تۇرۇۋالماي، ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ئارقىدىكى سەپ ئالدىغا، ئالدىدىكى سەپ ئارقىغا ئالماشقان، ئىككىنچى رەكەتتىمۇ ئاۋالقى رەكەتتىكىگە ئوخشاش قىلىپ، ئاندىن بىرلىكتە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە سالام بەرگەن. بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان خەۋپ نامىزىنىڭ تەپسىلاتى، دۈشمەن قىبلە تەرەپتە بولغانلىقتىن رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى شارائىتىغا ئۇيغۇن، ئۇلار قىيامدا ياكى رۇكۇدا دۈشمەننى كۆرەپ تۇرىدۇ، ئارقىدىن باستۇرما قوشۇننىڭ كېلىشىدىن ئەمىن بولىدۇالتصنيفات
قورقۇنچ ھالەتتە ئوقۇيدىغان ناماز