باي كىشىنىڭ قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۋېتىشى زۇلۇم قىلغانلىقتۇر، بىرىڭلارنىڭ قەرزى باشقا بىرسىگە ھاۋالە قىلىنسا ئۇنى قوبۇل قىلسۇن

باي كىشىنىڭ قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۋېتىشى زۇلۇم قىلغانلىقتۇر، بىرىڭلارنىڭ قەرزى باشقا بىرسىگە ھاۋالە قىلىنسا ئۇنى قوبۇل قىلسۇن

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: باي كىشىنىڭ قەرز قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۋېتىشى زۇلۇم قىلغانلىقتۇر، بىرىڭلارنىڭ قەرزى باشقا بىرسىگە ھاۋالە قىلىنسا ئۇنى قوبۇل قىلسۇن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىس مۇئامىلىنىڭ ئەدەپلىرىدىن بولغان بىر ئەدەپنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزدارنى قەرزنى چىرايلىق ئادا قىلىشقا بۇيرىدى. شۇنىڭدەك قەرز ئىگىسىگىمۇ قەرزنى چىرايلىق تەلەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرز ئىگىسىنى باشقىلاردىن ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلغاندا ياكى باشقىلار ئۇنىڭدىن قەرزنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر بولغان كىشىنىڭ سەۋەبسىز ئۇنىڭ ھەققىنى كېچىكتۈرىۋىتىشىنىڭ زۇلۇم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، قەرزدار قەرز ئىگىسىدىن مەلۇم مۇددەت كېچىكتۈرۈشنى ۋە ئۆزىگە ئاسانچىلىق بېرىشنى، قەرزنى باشقا بىر كىشىدىن ئېلىۋىلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، ئەگەر قەرز ئىگىسى بۇ ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا بۇ زۇلۇم يوق بولىدۇ. قەرزنى چىرايلىق تەلەپ قىلىش، ئادا قىلىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش، شۇنداقلا قەرزنىڭ قەرزدارنىڭ زىممىسىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قىلىشى ،بىلەن شەكىللىنىدىغان زۇلۇمنى يوق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار