پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئەتىگىنى دەججالنىڭ گىپىنى قىلىپ ئۇنى بىر ھاقارەتلەپ ۋە بىر گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەردى، بىز ھەتتا دەججالنى…

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئەتىگىنى دەججالنىڭ گىپىنى قىلىپ ئۇنى بىر ھاقارەتلەپ ۋە بىر گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەردى، بىز ھەتتا دەججالنى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالدۇق

نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئەتىگىنى دەججالنىڭ گېپىنى قىلىپ ئۇنى بىر ھاقارەتلەپ ۋە بىر گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەردى، بىز ھەتتا دەججالنى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالدۇق ۋە ئۇ يەرگە باردۇق، بىزنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىمىزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىگەندىن كىيىن: نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ دەپ سورىدى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر ئەتىگىنى ئۆزلىرى بىزگە دەججالنىڭ گېپىنى قېلىپ ئۇنى بىر ھاقارەتلەپ ۋە بىر گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەرگەنتىلە، بىز ئۇنى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ گۇمان قىلدۇق، دەپ جاۋاپ بەردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن سىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن باشقا پىتنىنىڭ يېتىپ قېلىشىدىن بەك قورقىمەن، ئەگەر دەججال چىققاندا مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولسام ئۇنىڭغا ئۆزۈم تېتىيمەن، ئەگەر ئاراڭلاردا بولمىسام ھەممە كىشى ئۆزى ئۆزىنى قوغدىسۇن، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئورنۇمدا ھەممە مۇسۇلمانلارنى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلايدۇ، دەججال قويۇق بۈدرە چاچلىق، كۆزى تېشىغا پولتىيىپ چىقىپ قالغان بىر يىگىت، ئۇنى خۇددى قەتەنىنىڭ ئوغلى ئابدۇلئۇززاغا ئوخشامدىكىن دەيمەن، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن كىم ئۇنى كۆرسە سۈرە كەھپنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇسۇن. ئۇ شام بىلەن ئىراقنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر يەردىن چىقىدۇ ۋە ئوڭ-سول تەرەپ بولۇپ ھەممە يەردە پاساتچىلىق تېرىيدۇ. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئىمانىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار» دېدى. بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ، زېمىندا قانچىلىك تۇرىدۇ؟ دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قىرىق كۈن تۇرىدۇ، ئۇ قىرىق كۈننىڭ بىر كۈنى بىر يىلدەك، بىر كۈنى بىر ئايدەك، بىر كۈنى بىر ھەپتىدەك قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنىڭلاردەك بولىدۇ» دېدى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھىلىقى بىر يىلدەك بولىدىغان ئۇزۇن كۈنىدە بىر كۈنلۈك نامازنى ئوقۇساق بولامدۇ؟ دەپ سورىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، سىلەر ئۇ كۈننى ئۆلچەپ ھەر بىر كۈندە (يىگىرمە تۆت سائەتتە) بىر كۈننىڭ نامىزىنى ئوقۇڭلار» دېدى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتى شامال ئىتتەرگەن كەلكۈندەك بولىدۇ، ئۇ بىر كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىدۇكى، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، ئاندىن ئۇ ئاسماننى يامغۇر ياغدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاسماندىن يامغۇر ياغىدۇ، زېمىننى بۇيرۇيدۇ، زېمىندىن ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوتلىغىلى كەتكەن چارۋىلىرى كەچتە سېمىز، يېلىنلىرى سۈتكە تولغان، توقلۇقىدىن بىقىنلىرى چىقىپ كەتكەن ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ. ئاندىن ئۇ باشقا بىر كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەي سۆزىنى رەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ قېشىدىن قايتىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قەھەتچىلىك كېلىپ قوللىرىدا ھېچقانداق مال-مۈلكى قالمايدۇ، ئۇ بىر خارابىلىقتىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا: ئىچىڭدىكى بايلىقلارنى چىقارغىن دەيدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بايلىقلار ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىن چىققاندەك ئارقىمۇ ئارقا چىقىشقا باشلايدۇ، ئاندىن ئۇ تازا ياشلىق قورامىغا يەتكەن بىر كىشىنى چاقىرىپ ئېلىپ كېلىپ ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ ئىككى پارچە قېلىۋېتىپ، ئۇ كىشىنى قايتا چاقىرىدۇ، ئۇ تېرىلىپ خوشال كۈلگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام دەمەشقنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاق مۇنارغا، ئۇچىسىدا رەڭلىك كېيىم، ئىككى قولىنى پەرىشتىنىڭ قاناتلىرىغا قويغان ھالىتىدە چۈشىدۇ، ئۇ بېشىنى پەس قىلسا بېشىدىن سۇ تامچىيدۇ، بېشىنى كۆتۈرسە سۈزۈكلۈكى مەرۋايىتتەك سۇ تامچىلىرى چاچراپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ تىنىقىنى پۇراپ قالغان كاپىرلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئۇنىڭ تىنىقى كۆزى يەتكەن يەرگە قەدەر بارىدۇ، ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى ئىزدەپ ئۇنى پەلەستىندىكى "باب لۇد" دېگەن يەردە ئۇنى تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلاپ قالغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى سىلاپ، ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دەرىجىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، شۇ چاغدا توساتتىن ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا: ھەقىقەتەن مەن ھېچ بىر كىشى سوقۇشۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىر تۈركۈم بەندىلىرىمنى چىقاردىم، سەن دەججالنىڭ پىتنىسىدىن مەن ساقلاپ قالغان بەندىلىرىمنى تۇر تېغىغا ئېلىپ چېقىپ كەتكىن دەپ ۋەھيى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا يەئجۈج مەئجۈجنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەلگەنلىرى تىبېرىيە كۆلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ سۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقىلىرى ئۆتكەندە، بۇ كۆلدە بىر چاغلاردا سۇ بار ئىكەنتۇق دېيىشىدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۇر تېغىدا قورشاۋدا قالىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرسى ئۈچۈن كالىنىڭ بىرە تال بېشى سىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنىڭلاردىكى يۈز تىللادىن ئەلا بولۇپ قالىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا يەئجۈج مەئجۈجلەرنىڭ گەردىنىگە قۇرتلارنى ئەۋەتىش بىلەن، ئۇلار خۇددى بىر كىشى ئۆلگەندەكلا ھەممىسى تەڭلا ئۆلىدۇ، ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۇر تېغىدىن زېمىنغا چۈشىدۇ، ئۇلار زېمىننىڭ بىر غېرىچ يېرىمۇ قالماي يەئجۈج مەئجۈجىلەرنىڭ سېسىق پۇراقلىق جەسەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئوخشاش قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ قۇشلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ تائالا خالىغان يەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ، ئاللاھ تائالا يامغۇرنى ئەۋەتىدۇ، يامغۇر بىرەر ئۆي ۋە ياكى بىرەر چىدىرنىمۇ قويماي ھەممىسىنى تازىلاپ، زېمىننى يۇيۇپ ئەينەكتەك قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن زېمىنغا: مېۋىلىرىڭنى چىقار، بۇرۇنقى بەرىكەتلىرىڭنى قايتۇر دېيىلىدۇ، شۇ كۈنلەردە كىشىلەر ئانارنى يەپ ئۇنىڭ شۆپۈكلىرى بىلەن سايىدايدۇ، سۈتلەرگە بەرىكەت بېرىلىپ ھەتتا بىر تۆگىنىڭ سۈتى نۇرغۇن كىشىلەرگە، بىر كالىنىڭ سۈتى بىر قەبىلە كىشىلىرىگە، بىر قوينىڭ سۈتى بىر جەمەت كىشىلەرگە يېتىدۇ، ئۇلار شۇنداق ياشاۋاتقان چاغدا ئاللاھ تائالا تۇيۇقسىزلا بىر مەيىن شامالنى ئەۋەتىدۇ، شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقلىرىنىڭ ئاستىدىن مۆمىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئۇلاردىن كېيىن يەر يۈزىدە ئېشەكلەردەك ئاشكارا جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ئەسكى ئادەملەر قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قىيامەت بولىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

دەججالنىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشلار بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن خەۋەر بەرگەن، ئىشىنىش ۋە تەستىقلاش زۆرۈر بولغان غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ ھەدىستە دەججالنىڭ بارلىق سۈپەتلىرى ھېچ بىر مۇسۇلمانغا مەخپى قالمىغۇدەك دەرىجىدە كامىل-تولۇق بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن دەججالغا ئادەتتىن تاشقىرى بولغان كۈچ-قۇدرەتنى بەرگەن، دەججال زېمىندا مەككە، مەدىنەدىن باشقا بارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا چۈشىشى بىلەن بولىدۇ، ئاندىن يەئجۈج مەئجۈجىلەر ئاشكارا بولۇپ زېمىننى بۇزۇقچىلىققا تولدۇرىدۇ، بۇمۇ ھەم قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يەئجۈج مەئجۈجىلەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ، مۇشۇنداق چوڭ-چوڭ ۋەقەلەر بولۇپ بولغاندىن كېيىن قىيامەت بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق مۆمىن بەندىلىرىنى ۋاپات تاپتۇرىدۇ، زېمىندا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى قالغاندا قىيامەت بولىدۇ

التصنيفات

قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى