إعدادات العرض
چىقىرە، چىقىرە بىز سەدىقە يىمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمىدىڭمۇ؟
چىقىرە، چىقىرە بىز سەدىقە يىمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمىدىڭمۇ؟
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەدىقە خورمىلىرىدىن بىرىنى ئېلىپ ئاغزىغا سېلىۋالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: چىقىرە، چىقىرە بىز سەدىقە يىمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمىدىڭمۇ؟ يەنە بىر ئىبارىدە: بىزگە سەدىقە ھالال بولمايدۇ، دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Kurdîالشرح
ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زاكاتتىن يىغىلغان خورمىلاردىن بىر تال ئاغزىغا سېلىۋېدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە بۇيرىدى ۋە خېھ خېھ -دە، دېدى. يەنى ئۇ خورمىلارنىڭ ھەسەنگە دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: بىزگە سەدىقە دۇرۇس بولمايدۇ، دېدى. سەدىقە ئال-مۇھەممەدكە«رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىگە» ھالال بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار شەرەپلىك كىشىلەر، زاكات بولسا پۇل-ماللارنىڭ كىرى، شەرەپلىك ئىنسانلارغا كىشىلەرنىڭ مال-مۇلىكىنىڭ كىرى مۇناسىب كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بىز مۇھەممەد ئائىلىسىگە سەدىقە ھالال بولمايدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ كىرى، دېگەنالتصنيفات
زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلار