إعدادات العرض
ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ
ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Portuguêsالشرح
بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھۇشى جايىدا ئايالنىڭ رومالسىز (يەنى: بېشى ۋە بوينى ئوچۇق) ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق ناماز ئوقۇسا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە بىنائەن «ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى بىكار بولىدۇ، قوبۇل بولماسلىق بۇ يەردە توغرا ئەمەس، يىتەرلىك ئەمەس،- دېگەن مەنىدە. ھەدىستىكى ھەيىزدار دېگەن سۆزدىن: قورامىغا يەتكەنلىك ئالامەتلىرىدىن بىرى ئارقىلىق ھەيىز يېشىغا يەتكەن ئايال مەقسەت قىلىنغان. بالاغەتكە يېتىش ئالامەتلىرى: ھەيىز كۆرۈش، مەنى چىقىش، جىنسى يولغا تۈك ئۈنۈش، 15 ياشقا تولۇش قاتارلىقلار. ئاياللارغا خاس ئىش بولغانلىقى، ئاياللارنىڭ بالاغەتكە يېتىشى كۆپىنچە ھەيىز كۆرۈش بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەيىز دەپ ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھەيىز كۆرۈۋاتقان ئايال مەقسەت قىلىنمىغان، چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ھەيىز ۋاقتىدا ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ، بۇ ئېنىق ھەدىس كەلگەن ۋە ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن مەسىلەالتصنيفات
نامازنىڭ شەرتلىرى