إعدادات العرض
1- ?قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار»
2- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم
3- ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ
4- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاغ ئۈستىدە ئالدى قايسى تەرەپكە بولسۇن نەپلە نامازنى ئوقۇۋېرەتتى، پەرز ئوقۇماقچى بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى
5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىققان ۋاقتىدا نەپلە ناماز ئۇقۇماقچى بولسا، تۆگىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنىپ ناماز باشلايتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلىغى يۈزلەنگەن تەرەپگە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى
6- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبىگە كىردى، كەينىدىن ئۇسامە ئىبنى زەيىد، بىلال، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەرمۇ كىردى
7- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىشىننى كۈن قەرىلگەندە، ئەسىرنى بولسا كۈن تېخى نۇرلۇق چاغدا، شامنى كۈن پاتقاندا ئوقۇيتتى
8- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بەزىسى ئۆزلىرىنى يۆگىگەن ھالدا جامائەتكە قاتنىشاتتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇلارنى ھېچكىم تونىيالمايتتى
9- مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە، ئىككى پۇتۇمنى قىبلىسى تەرىپىگە سۇنۇپ ئۇخلايتتىم، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا پۇتۇمنى نوقۇپ قوياتتى، مەن پۇتۇمنى يېغىۋالاتتىم، سەجدىدىن تۇرغاندا پۇتۇمنى سۇناتتىم، ئۇ كۈنلەردە ئۆيلەردە چېراغلار يوق ئىدى
10- تاڭ يورۇش ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى بورىنىڭ قۇيرۇقىدەك ئېگىزدىن پەسكە سوزۇلغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزىنى ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس، روزا تۇتقۇچى سوھۇرلۇقنى يەۋەرسە بولىدۇ، ئەمما ئوپۇقتا توغرىسىغا سوزۇلغان ئاقلىق بولسا ھەقىقى تاڭ ئاتقانلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نامازنى ئوقۇش دۇرۇس، سوھۇرلۇقنى توختۇتۇش كېرەك
11- بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن قاراڭغۇ بىر كېچىدە سەپەردە بولدۇق، قىبلە قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، ھەركىم ئۆزى بىلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا بايان قىلغىنىمىزدا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى: سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە
12- كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر
13- يا رەسۇلۇللاھ! مەن كۈن ئولتۇرۇپ كەتكىچە ئەسىرنى ئوقۇيالمىدىم، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، ئاندىن بەتھان دېگەن جايغا چۈشۈپ تاھارەت ئالدى، بىزمۇ تاھارەت ئالدۇق، رەسۇلۇللاھ كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر ئوقۇدى، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن شامنى ئوقۇدى
14- جىبرائىل چۈشۈپ ماڭا ئىمام بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم