بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن قاراڭغۇ بىر كېچىدە سەپەردە بولدۇق، قىبلە قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، ھەركىم ئۆزى بىلگەن تەرەپكە قاراپ…

بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن قاراڭغۇ بىر كېچىدە سەپەردە بولدۇق، قىبلە قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، ھەركىم ئۆزى بىلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا بايان قىلغىنىمىزدا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى: سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە

ئامىر ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەربىلەن قاراڭغۇ كېچىدە بىر سەپەردە بولدۇق، قىبلە قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، ھەركىم ئۆزى بىلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا دېدۇق. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنمەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى: سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە 115- ئايەت

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەر بىلەن قاراڭغۇ بىر كېچىدە سەپەردە بولدى، قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمىگەنلىكتىن، ھەركىم ئۆزى جەزىم قىلغان تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا ئۇلارنىڭ نامازنى قىبلىگە قاراپ ئوقۇمىغانلىقى بىلىندى. ئۇلار بۇ ۋەقەنى رەسۇلۇللاھقا بايان قىلغاندا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنمەڭلار ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە 115- ئايەت

التصنيفات

نامازنىڭ شەرتلىرى