كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر

كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر دېگەن سۆز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناماز ئوقۇغۇچىلارغا قىلىنغان بايان بولۇپ، بۇ مەدىنە ئەھلى ۋە قىبلىسى ئۇلارغا مۇۋاپىق كىلىدىغان كىشىلەرگە قىلىنغان خىتاب، چۈنكى ئۇلار كەبىنىڭ شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ، قىبلە مەدىنە ئەھلىگە ئۇلارنىڭ باراۋىرىدىكى شام ئەھلى ۋە شىمال تەرەپتىكى كىشىلەر بولسا كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسىدىكى تەرەپكە يۈزلىنىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ يۈزلىنىشى كەبىگە نىسبەتەن جەنۇپ تەرەپ بولىدۇ، يەمەن ۋە ئۇلارغا يانداشقان جەنۇپ تەرەپتىكى كىشىلەر كۈن چىقىش بىلەن كۈن پېتىش ئارىسىدىن شىمالغا يۈزلىنىدۇ، ئەمما كۈن پېتىش بىلەن كۈن چىقىش تەرەپتىكى كىشىلەر، ئۇلارنىڭ قىبلىسى ئۇلارغا نىسبەتەن جەنۇپ بىلەن شىمالنىڭ ئارىسى بولىدۇ، چۈنكى ئەسلى تەرەپ شىمال، جەنۇپ، شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت تۆت تەرەپتۇر، ناماز ئوقۇغۇچى كەبىنىڭ شەرق ياكى غەرپ تەرىپىدە بولسا ئۇ كىشىنىڭ قىبلىسى شىمال بىلەن جەنۇپ ئارىسىدا بولىدۇ، ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى كەبىنىڭ شىمال ياكى جەنۇپ تەرىپىدە بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىبلىسى كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىدىندۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن كەبىنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھېچ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمىغان بولاتتى، كەبىنى كۆرمەي يىراقتا بولغان كىشى كەبىگە تولۇق كەينىنى قىلماي ياكى يېنىچە تۇرماي پەقەت ئازراق قىيپاش كەتسە بۇ ئۇنىڭ نامىزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئەگەر كەبىگە كەينى بولۇپ قالسا ياكى كەبە بىر يېنىغا توغرا كەلسە بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى قىبلىگە يۈزلەنمىگەن بولىدۇ

التصنيفات

نامازنىڭ شەرتلىرى