إعدادات العرض
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بەزىسى ئۆزلىرىنى يۆگىگەن ھالدا جامائەتكە قاتنىشاتتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى،…
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بەزىسى ئۆزلىرىنى يۆگىگەن ھالدا جامائەتكە قاتنىشاتتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇلارنى ھېچكىم تونىيالمايتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بەزىسى ئۆزلىرىنى يۆگىگەن ھالدا جامائەتكە قاتنىشاتتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇلارنى ھېچكىم تونىيالمايتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Français Hausa Português Kurdî Русскийالشرح
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلارنىڭ ئاياللىرى ئورانغان ھالەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بامدات نامىزىغا قاتنىشاتتى، ۋە نامازدىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتقاندا، تېخى قاراڭغۇلۇق يورۇقلۇققا ئارىلىشىپ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك، يەنى كۆرۈشنى توسۇپ تۇرىدىغان قاراڭغۇنىڭ قالدۇقى تېخىچە بولغانلىقىدىن، ئۇلارغا قارىغانلار كىملىكىنى تونىيالمايتتى. بەسسامنىڭ تەيسىرۇلئەھكام 86- بەتالتصنيفات
نامازنىڭ شەرتلىرى