رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى.…

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا ئىدى، خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈردى، كېچىنىڭ خېلى بىر قىسىمى ئۆتتى، ئۇزۇن ساقلاشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان ئاياللار، بالىلار ئۇخلاپ قالدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ناماز ئوقۇۋالىلى، ئاياللار، بالىلار ئۇخلاپ بولدى، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇيۇنغانلىقتىن باشلىرىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقتى ۋە چۈشەندۈرۈپ دېدى: خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرۈپ ئوقۇش ئەۋزەل، ئەگەردە نامازنى ساقلاپ ئۈممىتىمگە جاپا بولمايدىغان بولسا ئىدى، خۇپتەننى كىچىكتۈرۈپ بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم، دېدى

التصنيفات

نامازنىڭ شەرتلىرى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېھرىبانلىقى