مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇڭلىمۇ؟ ياكى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭلىمۇ؟ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سوقۇشتۇرامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر مۇشۇنداق…

مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇڭلىمۇ؟ ياكى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭلىمۇ؟ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سوقۇشتۇرامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر مۇشۇنداق ئېزىپ كەتكەن، سىلەر بۇ يەردىكىلەردىن ھېچنىمىدە يوق، بۇيرۇلغان ئىشقا قاراپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، چەكلەنگىنىڭلاردىن يېنىڭلار

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر توپ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكى يېنىدا ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دېسە، يەنە بەزىلىرى: ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دەپ ئۇلارغا رەددىيە بېرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقتى، چىرايى ئانار دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەر مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇڭلىمۇ؟، ياكى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭلىمۇ؟، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سوقۇشتۇرامسىلەر؟، سىلەردىن ئىلگىركى ئۇممەتلەر مۇشۇنداق ئېزىپ كەتكەن، سىلەر بۇ يەردىكىلەردىن ھېچنىمىدە ئەمەس، بۇيرۇلغان ئىشقا قاراپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، چەكلەنگىنىڭلاردىن يېنىڭلار» دېدى

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ساھابىلاردىن بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بىر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالدى، بەزى رىۋايەتتە ئۇلار تەقدىر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى دېيىلگەن، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، باشقىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېرتقا چىقتى، غەزەبلەنگەنلىكتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى قېزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭ چىرايى ئانارنىڭ دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەرنى يارىتىشتىكى مەقسەت قۇرئاننى بىر-بىرىگە قارشىلاشتۇرۇش، قۇرئان ئايەتلىرىدە تالاش-تارتىش، جىدەل ۋە ئىختىلاپ قىلىشمۇ؟، ئاللاھ سىلەرنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھىچبىرى يوق، ھەم بۇنىڭغا ئىھتىياجمۇ يوق دەپ، ئاندىن ئۇلارغا: ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ ئېزىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇنداق ئىشلار ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى ۋە ئۇلارنى ئۆزىلىرىگە پايدىسى بار، مەنپەئەتلىك ئىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرنى قىلىشقا بۇيرىغان ئىشنى قىلىڭلار، سىلەرنى چەكلىگەن ئىشتىن يېنىڭلار، سىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان، بۇ سىلەرگە پايدىسى ۋە مەنپەئەتى بار ئىش» دېدى

التصنيفات

قۇرئان كىرىمنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ياد قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى