رەسۇلۇللاھ: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ: تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ مەسجىدتە…

رەسۇلۇللاھ: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ: تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ مەسجىدتە يوقاپ كەتكەن نەرسىلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي دەڭلار»دېگەن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ مەسجىدتە يوقاپ كەتكەن نەرسىلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي دەڭلار» دېگەن.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار، دەپ تەلىمات بېرىش ئارقىلىق مەسجىدنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئۇنتۇپ، مەسجىدنى بازارغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىتىن چەكلەش مەقسەتتۇر. چۈنكى مەسجىد ئاخىرەتنىڭ بازىرىدۇر. كىم ئۇنى دۇنيانىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇۋالسا، ئۇنى جازالاش ۋە ئۇنداق ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە ئىشلىرىنىڭ راۋاج تاپماسلىقى ۋە زىيان تارتىشقا دۇئا قىلىنىشقا ھەقلىقتۇر. مەسجىدتە سودا-سېتىق قىلىش مەكرۇھ.

التصنيفات

مەسجىدلەر ھۆكمى