رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى ماڭا بايراقنى بەرگەندە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، كۆزۈمگە تۇكۇرۇكىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزۈممۇ ۋە بېشىممۇ ئاغرىپ…

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى ماڭا بايراقنى بەرگەندە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، كۆزۈمگە تۇكۇرۇكىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزۈممۇ ۋە بېشىممۇ ئاغرىپ باقمىدى

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى ماڭا بايراقنى بەرگەندە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، كۆزۈمگە تۇكۇرۇكىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزۈممۇ ۋە بېشىممۇ ئاغرىپ باقمىدى

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئەبۇ يەئلا"مۇسنەد ئەبۇ يەئلا" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەيبەر غازىتىدا كۆز ئاغرىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چاقىرىپ يۈزىنى سۈرتۈپ، كۆزىگە تۈكۈرۈكىنى سۈرىۋىدى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ساقايدى، ئاندىن ئۇنىڭغا بايراقنى تۇتقۇزدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا خەيبەر پەتھىسىنى بەردى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى يۈزىنى سۈرتۈپ، تۈكۈرۈكى بىلەن كۆزىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزىمۇ ۋە بېشىمۇ ئاغرىپ باقمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېنىق مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئىدى

التصنيفات

پەيغەمبەرلىك خۇسۇسىيەت