إعدادات العرض
1- كىم ماڭا سالام قىلسا، ئاللاھ ماڭا روھىمنى قايتۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭغا سالام قايتۇرىمەن
2- ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ
3- مېنى سېنىڭ تۆگەڭنى ئېلىۋالدى، دەپ قارامسەن؟ ما تۆگەڭنى ۋە پۇلۇڭنىمۇ ئالغىن! بۇ سېنىڭكى بولسۇن
4- ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمگە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، يېگۈدەك بىر نەرسەڭ يوقمۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇممۇ سۈلەيم: بار، دېدى
5- ئەمرۇ ئىبنى مۇئازنىڭ پۇتى كېسىلىپ كەتكەندە ئۇنىڭ پۇتىغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈفلەپ قويىۋىدى، تېزلا ساقىيىپ كەتتى
6- ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قولى بىلەن يۈزۈمنى سىلاپ، ماڭا دۇئا قىلدى. ئۇ بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدى، ئۇنىڭ بېشىدا بىر نەچچە تالدىن باشقا ئاق چاچ يوق ئىدى
7- رەسۇلۇللاھ ماڭا «يېقىنلاشقىن» دېگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ يىنىغا كەلدىم
8- بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ كېچىدە يول يۈرۈپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن توختىدۇق، بۇنداق ۋاقىتتا مۇساپىر ئۈچۈن ئارام ئېلىشتىن بەكراق ھۇزۇر بولمىسا كېرەك. بىز قۇياشنىڭ ئىسسىقىدا ئويغاندۇق، ئاۋۋالدا پالانى، ئاندىن پالانى، ئاندىن پالانى، ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغاندى
9- ئەگەر ئۇ ماڭا يېقىنلاشقان بولسا ئۇنى پەرىشتىلەر پارچە-پارچە قېلىۋەتكەن بولاتتى
10- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى ماڭا بايراقنى بەرگەندە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، كۆزۈمگە تۇكۇرۇكىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزۈممۇ ۋە بېشىممۇ ئاغرىپ باقمىدى
11- قەتادە ئىبنى مىلھان سەكراتقا چۈشكەندە مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم، ھويلىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، مەن قەتادىنىڭ يۈزىگە قارىسام ئۇنىڭ يۈزى مايلاپ پاقىرتىۋەتكەندەك كۆرۈندى دەيدۇ
12- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يۇيغاندا مىيىتتا كۆرىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئىزدەپ تاپالماي: دادام خۇشپۇراق زاتقا پىدا بولسۇن! ھاياتلىرىدا خۇشپۇراق ئىدىلە، ۋاپات بولغاندىمۇ خۇشپۇراق بولدىلا،-دېدى