قەتادە ئىبنى مىلھان سەكراتقا چۈشكەندە مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم، ھويلىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، مەن قەتادىنىڭ يۈزىگە قارىسام ئۇنىڭ يۈزى مايلاپ…

قەتادە ئىبنى مىلھان سەكراتقا چۈشكەندە مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم، ھويلىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، مەن قەتادىنىڭ يۈزىگە قارىسام ئۇنىڭ يۈزى مايلاپ پاقىرتىۋەتكەندەك كۆرۈندى دەيدۇ

ئەبۇ ئەئلا ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: قەتادە ئىبنى مىلھان سەكراتقا چۈشكەندە مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم، ھويلىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، مەن قەتادىنىڭ يۈزىگە قارىسام، ئۇنىڭ يۈزى مايلاپ پاقىرتىۋەتكەندەك كۆرۈندى دەيدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئەبۇ ئەلا ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەتادە ئىبنى مىلھان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدا ئىدى، شۇ ۋاقىتتا ھويلىنىڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ئەلا قەتادىنىڭ يۈزىنى ئەينەكتەك سۈزۈك كۆردى، ئۇنىڭ چېرايى نۇرلۇق، پارقىراق ۋە سۈزۈكلۈكتە ماي سۈرتكەندەك پارقىرايتتى، بۇنىڭ سەۋەبى: بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەتادىنىڭ يۈزىنى سىلىغان، قەتادىنىڭ يۈزىنىڭ پارقىرىشى ۋە سۈزۈكلۈكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى سىلىغانلىقىنىڭ بەرىكىتىدىن ھاسىل بولغان

التصنيفات

پەيغەمبەرلىك خۇسۇسىيەت