پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەرگە دەپنە قىلىنىدۇ؟ دېيىشتى، ئەبۇبەكرى: «ۋاپات بولغان جايغا دەپنى…

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەرگە دەپنە قىلىنىدۇ؟ دېيىشتى، ئەبۇبەكرى: «ۋاپات بولغان جايغا دەپنى قىلىنىدۇ» دېدى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەرگە دەپنە قىلىنىدۇ؟ دېيىشتى، ئەبۇبەكرى: ۋاپات بولغان جايغا دەپنى قىلىنىدۇ،- دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى سەئەد"تەبەقات كۇبرا" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دەپنە قىلىدىغان ئورۇن توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغاندا، ئەبۇبەكرى سىددىق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات بولغان ئورنىغا دەپنى قىلىڭلار! دېدى. بەزى رىۋايەتلەردە: ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەيغەمبەرلەردىن ھەر بېرى ئۆزى دەپنە قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئورۇندا ۋاپات بولدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى