پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ قورغانلىرىدىن بىر قورغانىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟» دېدى، ساھابىلار: ياق دېدى،…

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ قورغانلىرىدىن بىر قورغانىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟» دېدى، ساھابىلار: ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى يامغۇر تامچىسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرىۋاتىمەن»دېدى

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ قورغانلىرىدىن بىر قورغاننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟»دېدى، ساھابىلار: ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى خۇددى يامغۇر تامچىسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرۈۋاتىمەن»دېدى»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنە سىپىللىرىدىن بىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى، خۇددى شاقىراپ ياققان يامغۇر چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرۈۋاتىمەن»دېدى. بۇ ھەدىس ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ھەررە ۋەقەلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەدىنىدە يۈز بەرگەن پىتنە-ئۇرۇشلارغا ئىشارەتتۇر

التصنيفات

پەيغەمبەرلىك