سىلەر كۆزلىرى كىچىك، قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك تۈرۈكلەر بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، سىلەر ئاياقلىرى يۇڭدىن…

سىلەر كۆزلىرى كىچىك، قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك تۈرۈكلەر بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، سىلەر ئاياقلىرى يۇڭدىن ياسالغان قەۋم بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «سىلەر كۆزلىرى كىچىك، قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك تۈرۈكلەر بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، سىلەر ئاياقلىرى يۇڭدىن ياسالغان قەۋم بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

مۇسۇلمانلار تۈرۈكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى: كۆزلىرى كىچىك، بەدەنلىرىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلىكتىن، يۈزلىرى قىزىلغا مايىل ئاق، بۇرۇنلىرى قىسقا ۋە پاناق، يۈزلىرى خۇددى قالقانغا ئوخشاش كەڭ ۋە يۇمۇلاق، گۆشىنىڭ كۆپ ۋە قىلىنلىقىدىن تېرە قاپلانغان نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ. مۇسۇلمانلار تېرە ئاياقلارنى كىيىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، بۇلارمۇ تۈرۈكلەر بولۇپ، ئۇلارنى باشقا بىر سۈپەت بىلەن بايان قىلغان

التصنيفات

قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى