ۋىتىر سابىتتۇر، ۋىتىرنى خالىغان كىشى يەتتە رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بەش رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى ئۈچ رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بىر رەكەت ئوقۇسۇن

ۋىتىر سابىتتۇر، ۋىتىرنى خالىغان كىشى يەتتە رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بەش رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى ئۈچ رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بىر رەكەت ئوقۇسۇن

ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ۋىتىر سابىتتۇر، ۋىتىرنى خالىغان كىشى يەتتە رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بەش رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى ئۈچ رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بىر رەكەت ئوقۇسۇن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ۋىتىر ئوقۇش سۈننەتتە بېكىتىلگەن. بۇ تەكىتلەشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ۋاجىپ مەنىسىدە كېلىدۇ، مەقسەت: ۋىتىر ئوقۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئوچۇق دەلىللەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋىتىر ئوقۇشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەش. بۇخارى بىلەن مۇسلىم تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېگەن:«نەجدە ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، بۇ ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيسەن» دېدى، ئۇ كىشى: ماڭا بۇنىڭدىن باشقا ناماز بارمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يوق، لېكىن نەپلە ناماز ئوقۇساڭ بولىدۇ» دېدى، ئەگەر ۋىتىر ئوقۇش ۋاجىپ بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى بەش ۋاقىت ناماز بىلەن بىرگە تىلغا ئالاتتى. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بەندىلىرىگە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى، كىم بەش ۋاقىت نامازنى سەل قارىماستىن، ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ۋەدە قىلدى» دېگەن. ۋىتىرنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىگە دەلىللەردىن: بۇخارى ۋە مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىس بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئازنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭغا: «ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بىر كىچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن» دېگەن، بۇ ئەڭ گۈزەل شەكىلدە كەلتۈرۈلگەن دەلىل، چۈنكى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئازراق بۇرۇن بولغان. يەنە بۇنىڭ دەلىللىرىدىن:ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ۋىتىر ئوقۇش كەسكىن ئەمەس» دېيىلگەن، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ۋىتىر ئوقۇش سابىت دېگەن سۆزدىن مەقسەت: ۋىتىرنىڭ پەزىلىتى، ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش. «خالىغان كىشى يەتتە رەكەت ۋىتىر ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بەش رەكەت ۋىتىر ئوقۇسۇن»، يەنى: ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن ناماز ئوقۇيدۇ، ئاندىن بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇيدۇ، بۇ ئەسلى قائىدە، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىچە نامىزى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ» دېگەن. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇنىڭدىن يەنە: ئولتۇرماي نامازنى ئۇلاپ ئوقۇپ، ئاخىرقى رەكەتتە ئولتۇرىدىغانلىق ئېھتىمالىمۇ بار، بۇمۇ توغرا، مۇسنەد ئەھمەدتە، ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتتە رەكەت ۋە بەش رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەنمۇ ۋە سۆز بىلەنمۇ بۆلمەيتتى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئەبۇ داۋۇتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەش رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، پەقەت نامازنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇراتتى» دېيىلگەن. «خالىغان كىشى ئۈچ رەكەت ۋىتىر ئوقۇسۇن»، يەنى: ئىككى رەكەت ئوقۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن بىر رەكەت ئوقۇيدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىچە نامىزى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ». بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇنىڭدىن ئۈچ رەكەتنى ئۇلاپ ئوقۇپ، پەقەت ئاخىرقى رەكەتتە ئولتۇرۇش ئېھتىمالىمۇ بار، بۇ توغرىدا ئۇبەي ئىبنى كەئىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزىدا بىرىنچى رەكەتتە" سەببەھىسمە رەببىكەل ئەئلا"نى، ئىككىنچى رەكەتتە "قۇل يا ئەييۇھەل كاپىرۇن"نى، ئۈچىنچى رەكەتتە "قۇلھۇۋاللۇ ئەھەد"نى ئوقۇيتتى، پەقەت ئاخىرقى رەكەتتە سالام بېرەتتى» دېيىلگەن، نەسائى رىۋايىتى. يەنە نەسائى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىتىرنىڭ ئىككى رەكىتىدە سالام بەرمەيتتى» دېيىلگەن. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: "ۋىتىرنى ئۈچ رەكەت ئوقۇسىمۇ، بەش رەكەت ئوقۇسىمۇ، يەتتە رەكەت ئوقۇسىمۇ، توققۇز رەكەت ئوقۇسىمۇ بولىدۇ،- دېگەن. ئەگەر ئۈچ رەكەت ۋىتىر ئوقۇپ قالسا، بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئوقۇش شەكلى بولۇپ، بۇنىڭ ھەر ئىككىسى يولغا قويۇلغان: بىرىنچىسى: بىر قېتىم تەشەھھۇت ئوقۇپ ئۇچ رەكەتنى بىراقلا ئوقۇيدۇ. ئىككىنچىسى: ئىككى رەكەت ئوقۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇيدۇ. ئەۋزىلى: ھەر ئىككى رەكەتنى ئوقۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن ئىلگىرى ئوقۇغان نامىزى ئۈچۈن بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇش بولۇپ، چۈنكى بۇنىڭدا ئەمەلنى كۆپ قىلىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كۆپ قىلغان ئىشىدۇر، «خالىغان كىشى بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇسۇن»، يەنى: ئىلگىرى ناماز ئوقۇماستىن، پەقەت بىر رەكەتلا ۋىتىر ئوقۇسۇن، دېمەكتۇر

التصنيفات

كېچىلىك ناماز