ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى، ئۇنى خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنىڭ ئارلىقىدا ئوقۇڭلار، ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر، ۋىتىر نامىزىدۇر، دېدى

ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى، ئۇنى خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنىڭ ئارلىقىدا ئوقۇڭلار، ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر، ۋىتىر نامىزىدۇر، دېدى

ئەبۇ تەمىم ئەلجەيشانى مۇنداق دېگەن: مەن ئەمرۇ ئىبنى ئاسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن: ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى، ئۇنى خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنىڭ ئارىلىقىدا ئوقۇڭلار، ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر، ۋىتىر نامىزىدۇر دېدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ئەبۇ بەسرە ئەلغىپارى: ئەبۇ تەمىم مۇنداق دېدى، دېگەن: مەن ۋە ئەبۇ زەر بىرگە ئولتۇرغان ئىدۇق، ئەبۇ زەر مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئەبۇ بەسرەنىڭ يېنىغا باردۇق، ئۇ ئەمرۇ ئىبنى ئاسنىڭ خوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان ئىدى، ئەبۇ زەر ئۇنىڭغا: سەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟: ئاللا تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى، ئۇنى خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوقۇڭلار، ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر، ۋىتىر؟ دېگەندە، ئۇ: شۇنداق ئاڭلىغان، دېدى. ئۇ: سەن شۇنداق ئاڭلىغانمىدىڭ؟ دېگەندە. ئۇ: شۇنداق ئاڭلىغان، دېدى. ئۇ: سەن شۇنداق ئاڭلىغانمىدىڭ؟ دېگەندە. ئۇ: شۇنداق ئاڭلىغان، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

«ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئىلگىرى ئۇلار بۇ شەكىلدە ئوقۇپ باقمىغان بىر نامازنى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا زىيادە قىلدى، ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر، دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ نامازنى زىيادە قىلىش ئىنئام شەكلىدە بولغان، خۇددى رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەندەك: ئاللاھ تائالا سىلەرنى مۇكاپاتلاش، سىلەرگە ساۋاب بېرىش ئۈچۈن بەش ۋاقىت نامازنى بىكىتىپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي ياخشىلىققا يەنە ياخشىلىقنى قوشۇپ ۋىتىر ۋە تەھەججۈد نامىزىنى بىكىتتى. ئۇ «ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇڭلار» دېگەن سۆز بۇيرۇق مەنىدە كەلگەن بۇ شەكىلدە كەلگەن بۇيرۇقلار پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمما سەھىھ ۋە ئوچۇق مەنىلەر بىلەن كەلگەن بەزى ھەدىسلەر بۇ نامازنىڭ پەرز ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن بۇ ھەدىس ئۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەپ بەرگەن. ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرگەندىن باشلاپ تاڭ سۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ، ھەتتا خۇپتەن بىلەن شام نامىزىنى شام ۋاقتىدا بىرگە جەملەپ ئوقۇغان بولسىمۇ نامازدىن كېيىنلا ۋىتىرنى ئوقۇسا بولىدۇ، ئاخىرىقى ۋاقتى بولسا تاڭ ئاتقۇچە، تاڭ ئېتىپ قالسا ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەن بولىدۇ، تاڭ ئېتىۋاتقاندا ئوقۇغان بولسا ئۇنى تاماملىۋېتىش دۇرۇس. ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بۇنى ئەبۇ بەسرە ئەلغىپارى بايان قىلدى، دېدى. يەنى ئەبۇ بەسرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمرۇ ئىبنى ئاسقا ھەدىس بايان قىلىپ بەرگەن. ئەبۇ تەمىم: مەن ئەبۇ زەر بىلەن بىللە ئولتۇرغان ئىدىم، ئەبۇ زەر قولۇمنى تۇتۇپ مېنى ئەبۇ بەسرەنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى، ئۇنى بىز ئەمرۇ ئىبنى ئاسنىڭ خوشنىسىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا ئۇچراتتۇق، دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى ئۇ ئىككى ساھابىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزى يەتكەندە ئۇلار بۇنى تەكىتلەپ باقماقچى بولۇپ ئەبۇ بەسرەنىڭ يېنىغا باردى، ئۇنىڭ يېنىغا بارغاندا ئەبۇ زەر ئەبۇ بەسرەدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىنغان بۇ سۆزنىڭ راس ياكى يالغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ: شۇنداق مەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان، دېدى. ئەبۇ زەر: سەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانمىدىڭ؟ دېگەندە. ئۇ: شۇنداق، دېدى. ئەبۇ زەر: سەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانمىدىڭ؟ دېگەندە. ئۇ: شۇنداق، دەپ بۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلىپ بەردى» دېگەن ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانلىقىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ بەردى

التصنيفات

كېچىلىك ناماز