پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاندا ئون كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، ۋاپات تاپقان يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاندا ئون كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، ۋاپات تاپقان يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاندا ئون كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، ۋاپات تاپقان يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاندا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئون كۈن مەسچىتتە ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەدىر كېچىسىنى تىپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان، قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان، ۋاپات بولىدىغان يىلى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قېلىۋىلىش ئۈچۈن يىگىرمە كۈن ئېتىكاپ قىلغان

التصنيفات

ئېتىكاپ