نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك ھازىر بولۇپ قالسا، ئەۋۋەل يىمەك يەڭلار

نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك ھازىر بولۇپ قالسا، ئەۋۋەل يىمەك يەڭلار

ئائىشە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەنەس ئىبنى مالىكتىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك ھازىر بولۇپ قالسا، ئەۋۋال يىمەك يەڭلار

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان]

الشرح

نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك-ئېچمەك تەييار بولغان بولسا، يىمەكلىككە ھاجەت بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىھاسىنى بېسىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يىمەك-ئېچمەككە ئېغىز تىگىپ زېھنىنى يىمەكلىككە چاچماستىن نامازغا يۈزلىنىشى كېرەك. بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كەڭرىچىلىك، ئاسانلىق بىلەن نەپسىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ

التصنيفات

ئەزان ۋە تەكبىر