ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر: بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگىنى ياكى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ…

ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر: بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگىنى ياكى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى تىلغا ئېلىشقا، دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە كۈن تۇتۇلدى، ئۇ قىيامەت بولىشىدىن ئەنسىرەپ، چۆچىگەن پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەسچىتكە كىلىپ، نامازغا تۇردى، قىيام ۋە سەجدىلەرنى ئۇزۇن ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭ ھېچبىر نامازدا بۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدىم، ئاندىن ئۇ: «ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر بىرەرسىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تۇغۇلۇشى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى ئەسلەشكە، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا كۈن تۇتۇلغاندا ئۇ دەرھال چۆچىگەن ھالدا تۇردى، چۈنكى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنى مۇكەممەل تونۇغانلىقى ئاللاھدىن بەك قورقىدىغان ۋە ئەيمىنىدىغان قىلغان ئىدى، زېمىن ئەھلىدىن كۆپ كىشىلەر ئازغۇنلۇققا پېتىپ، چېكىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ياكى سۈر چېلىنىش ۋاقتى كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەر يۈز بەردىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، دەرھال مەسچىتكە كىرىپ كىشىلەر بىلەن كۈن تۇتۇلۇش نامىزىنى ئوقۇدى، ئاللاھقا تەۋبە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئۇزۇن ئوقۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە يۈزلىنىپ، ۋەز-نەسىھەت قىلدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى بەندىلىرىنىڭ دۇئاغا، كەچۈرۈم سوراشقا، ئاللاھنى ئەسلەشكە، نامازغا ئالدىرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىبرەت، ئەسلىتىش، قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى

التصنيفات

كۈن ۋە ئاي تۇتۇلغاندا ئوقۇيدىغان ناماز, ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بەرگەندە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر