إعدادات العرض
1- ?كىمكى سەپەردە بىر ئورۇنغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن :«ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھغا سېغىنىپ بارلىق نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسە، ئۇ كىشى چۈشكەن ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىپ بولغىچە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ
2- مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
3- كىمىكى تاماق يەپ بولغاندا: ماڭا تاماق بەرگەن، مېنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىمسىز بۇ تاماقلار بىلەن مېنى رىزىقلاندۇرغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ
4- سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشىسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!
5- مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
6- ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
7- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن: «بارلىق ھەمدۇ سانا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ، بىزگە رىزىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا مۇھتاجمىز» دەيتتى
8- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلسا سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن، يامان ئاقىۋىتىدىن، مۇكەممەللىشىپ بولۇپ كېمىيىشىدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن، ئەھلى ۋە مېلىدا يامان ئەھۋالنىڭ كۆرۈنۈشىدىن پاناھ تىلەيتتى
9- ئەگەر بىز ئىگىزلىككە چىقساق: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسەك: سۇبھاناللاھ دەيتتۇق
10- ئەبۇ سالىھ بىزنى ئۇخلىماقچى بولغاندا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا بۇيرىيتتى
11- ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر: بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگىنى ياكى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى تىلغا ئېلىشقا، دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار