إعدادات العرض
مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Português සිංහල Русский Nederlands অসমীয়া Tiếng Việt Kiswahili ગુજરાતી پښتو አማርኛ Oromoo ไทย Românăالشرح
ھەدىستە «بىخىل» دەپ كەلگەن بۇ سۆز، ھەقىقى بىخىل؛ مېنىڭ ئىسمىم قۇلاق تۈۋىدە تىلغا ئېلىنسىمۇ ماڭا دۇرۇت سالام يوللىمىغان كىشى دېگەن مەنىدە. چۈنكى ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللاشتەك بىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىغان بىخىلدۇر. يەنە ئۇ ئۆزىگىمۇ بىخىللىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھقا بىر قېتىم دۇرۇت يوللاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە چۈشىدىغان 10 رەھمىتىنى توسۇپ قالغان بولىدۇ. بۇ بىر كىشىگە ئوخشاشكى، خەيرى-ساخاۋەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان، يەنى رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت يوللىماسلىقنى، ياخشىلىق يوللىرىدا پۇل-مال چىقىم قىلمايدىغان بېخىل ئادەمگە ئوخشاتقان