پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن: «بارلىق ھەمدۇ سانا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ،…

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن: «بارلىق ھەمدۇ سانا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ، بىزگە رىزىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا مۇھتاجمىز» دەيتتى

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن: «بارلىق ھەمدۇ سانا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ، بىزگە رىزىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا مۇھتاجمىز،» دەيتتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي سۈننەتلەرنى تەلىم بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان دۇئالىرىدىن، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن تاماق يېگەن قاچىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان يەككە يىگانە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى، گۈزەللىكى ۋە مۇكەممەللىكىگە لايىق مەدھىيىلەر بولسۇن، ئاللاھ تائالانىڭ ساناپ بولغىلى بولمايدىغان ۋە ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدىغان چەكسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈرلەر بولسۇن. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىماقچى بولساڭلار ھەرگىزمۇ ساناپ بولالمايسىلەر. بىز رىيادىن ۋە كۆز-كۆز قىلىشتىن خالى ھالەتتە ياخشىلىقى كۆپ بولغان ئاللاھنى ماختايمىز، بىز بەندىلەرگە يېتەرلىك نېمەت ئاتا قىلغۇچى ئاللاھنى ماختايمىز، ئاللاھدىن باشقا ھېچ نەرسە مەخلۇقاتلارغا يېتەرلىك رىزىق بېرىشكە قادىر بولالمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ھېچبىر نەرسىگە ئېھتىياجى يوق، ئاللاھ ھاجەتمەنلەرنى قۇرۇق قايتۇرمايدۇ

التصنيفات

ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بەرگەندە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر