إعدادات العرض
ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم، ئوقۇغان تېلاۋىتىمنىڭ ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولۇپ ئۇنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئۇ كىشى: مەن شۇنداق قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча Lietuvių Kinyarwanda नेपाली తెలుగు Bosanski ಕನ್ನಡ Kurdî മലയാളം Oromoo Română Italiano Soomaali Shqip Српски Українська Wolof Moore Tagalog Malagasy தமிழ் Azərbaycan فارسی ქართული 中文 Magyarالشرح
ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولىدۇ، مېنى نامازنى خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىشتىن كاشىلا بولىدۇ، ئوقۇغان تىلاۋېتىمنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدا ماڭا شەك پەيدا قىلىپ قويىدۇ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋە تاپقان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، ئاللاھ بىلەن ساقلانغىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغاننى قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.فوائد الحديث
نامازدا كۆڭلىنى جايىدا قويۇپ خۇشۇ بىلەن تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئېكەنلىكى، شەيتان نامازدا ئىنساننى تەشۋىشكە سېلىش ۋە شەك قىلدۇرۇشقا تېرىشچانلىق قىلىدۇ.
نامازدا شەيتان ۋەسۋەسە قىلغاندا، سول تەرەپكە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋېتىش بىلەن بىرگە شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ساھابىلار ئارىسىدا ھەر قانداق قىيىنچىلىق پەيدا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدىغانلىقى بايان قىلىندۇ.
ساھابىلار ئاخىرەت ئىشلىرىغا بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ دىلى ئويغاق ئىدى