إعدادات العرض
1- بىر بەندە گۇناھ قىلىپ، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلسىلا! دېدى. ئاللاھ تابارەك ۋەتائالا: مېنىڭ بۇ بەندەم گۇناھ قىلىپ ئۇ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ياكى ئۇنى جازالايدىغان بىر پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن، دېدى
2- كىمكى كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن دېسە، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپىكىدەك كۆپ بولسىمۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ
3- كىمكى ئون قېتىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، دېگەن سۆزنى ئون قېتىم دېسە،
4- ?مۇئەززىن: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، سىلەرنىڭ بىرىڭلار: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە
5- مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى ۋە رەببىڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقىنى دەپ بىرەيمۇ؟
6- "مۇپەررىدۇن" لار ئىلگىرىلەپ كەتتى
7- قانداق بىر قەۋم بىرەر سورۇندىن ئاللاھنى ئەسلىمەي تۇرۇپ كەتسە، خۇددى ئېشەكنىڭ تاپى ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتكەندەك بولىدۇ، ئۇ سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ھەسرەت بولىدۇ
8- جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ناۋادا سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا سىلەرنى كەتكۈزۈپ، گۇناھ قىلىپ، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيدىغان، ئۆزى ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرگەن بولاتتى
9- ?مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار
10- ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
11- باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق، ئاللاھ ئەيىب نۇقساندىن پاكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، تەدبىر ۋە قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەندۇر
12- ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئادەم ئەۋلادىنى قۇتۇلدۇرىدىغان ئاللاھنى ئەسلەشتىنمۇ ياخشىراق ئەمەل يوق
13- جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر داۋاملىق مېنىڭ يېنىمدىكىدەك زىكىردە بولساڭلار، پەرىشتىلەر ئۆيۈڭلار ۋە يولۇڭلارغا كېلىپ، سىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولاتتى. ئى ھەنزەلە ئەمما ئىنسان بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق بولىدۇ