بەندەم بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن: ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە

بەندەم بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن: ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بەندەم بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن: ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، خالىغاننى قىلغىن، سېنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھسىسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، بىر كىشى گۇناھ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان رەببىنىڭ بارلىقى بىلدى دەپ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنى يوشۇرىدۇ ۋە كەچۈرۋېتىدۇ ياكى ئۇنى جازالايدۇ ۋەياكى ئۇنى مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى يەنە قايتىدىن گۇناھ قىلىپ: ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەپ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنى يوشۇرىدۇ ياكى كەچۈرىۋېتىدۇ، جازالايدۇ ياكى ئۇنى مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى يەنە قايتىدىن گۇناھ قىلىپ: ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەپ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنى يوشۇرىدۇ، كەچۈرۋېتىدۇ ياكى جازالايدۇ، ياكى ئۇنى مەغپىرەت قىلدىم، بەندەم ھەر قېتىم گۇناھ قىلسا، تەۋبە قىلىپ، گۇناھنى تەرك قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇ گۇناھغا ھەرگىز قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭغا نەپسى خاھىشى غالىپ كېلىپ يەنە بىر قېتىم گۇناھ قىلىدىكەن، بەندەم داۋاملىق گۇناھ قىلىپ ئاندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ تۇرىدىكەن مەن ئۇنى مەغپىرەت قىلىمەن، بەندەم خالىغىنىنى قىلسۇن، چۈنكى تەۋبە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خاتالىقلارنى يوق قىلىدۇ، دەيدۇ.

فوائد الحديث

ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭرىلىكىدىن: ئىنسان ھەرقانچە خاتالىق سادىر قىلسىمۇ، گۇناھ قىلسىمۇ، خاتالىقىدىن يېنىپ ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالاغا ئېشىنىدىغان ھەقىقى مۇئ‍مىن ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ، ئازابىدىن قورقىدۇ، خاتالىقنى داۋاملاشتۇرماستىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرايدۇ.

توغرا بولغان تەۋبىنىڭ شەرتلىرىدىن: خاتالىقتىن قول ئۈزۈش، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش، خاتالىققا قايتا قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش، ئەگەر تەۋبە كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىگە زۇلۇم قىلىش، يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈش، جېنىغا زامىن بولۇش قاتارلىق زۇلۇمغا ئالاقىدار ئىشلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا تۆتىنچى بىر شەرت زىيادە قىلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ھەق ئىگىسىدىن رازىلىق تەلەپ قىلىش ياكى ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھنى ھەقىقى تونۇشنىڭ مۇھىملىقى شۇكى، بۇ ئىنساننى ئۆزىنىڭ دىنى ئىشلىرىنى بىلىدىغان قىلىدۇ، قاچانكى خاتالىق سادىر قىلىدىكەن ھەددىدىن ئاشماستىن، ئۈمىتسىزلەسمەستىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىدۇ.

التصنيفات

زىكىرنىڭ پەزىلىتى, زىكىرنىڭ پەزىلىتى