كىمكى ئون قېتىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر،…

كىمكى ئون قېتىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، دېگەن سۆزنى ئون قېتىم دېسە،

ئەبۇ ئەييۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئون قېتىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، دېگەن سۆزنى ئون قېتىم دېسە، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن تۆت قۇلنى ئازات قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالا ئۇلۇغلاش ۋە ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرگە جىمى ھەمدۇ-ساناغا لايىقتۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ھېچ نەرسە ئۇنى ئاجىز قىلالمايدۇ» دېگەن سۆزنى دېسە. كىمكى بۇ كاتتا زىكىرنى بىر كۈندە ئون قېتىم تەكرار دېسە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان تۆت قۇلنى ئازاد قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقىلاردىن شەرەپلىك-ئېسىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ كاتتا بولىدۇ.

فوائد الحديث

ئاللاھ تائالانىڭ ئىلاھلىقتا، مۇلكىيەتتە، ھەمدۇ-سانادا، تولۇق قۇدرەتتە يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بۇ زىكىرنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى.

بۇ زىكىرنى بىر كۈندە بىرلا قېتىمدا ھەممىسىنى دېسىمۇ ياكى بىر قانچە قېتىمدا دېسىمۇ بۇ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.

التصنيفات

زىكىرنىڭ پەزىلىتى