"مۇپەررىدۇن" لار ئىلگىرىلەپ كەتتى

"مۇپەررىدۇن" لار ئىلگىرىلەپ كەتتى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مُفرِِدُونَ» لار ئىلگىرىلەپ كەتتى دېگەن ئىدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار كىمۇ؟ دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى دائىم زىكىر قىلىپ تۇرغۇچى ئەر-ئاياللار» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكۈچى ئەر-ئاياللار ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن كۆپ مەشغۇل بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەجىر-ساۋابتا باشقىلاردىن ئالاھىدە بولدى، ئۇلار باشقىلاردىن كۆپ ئەمەل قىلدى، ياخشىلىققا باشقىلاردىن بەك ئىلگىرىلىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»، يەنى: ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ پەرز نامازلاردىن كىيىن ۋە ئەتتىگەن-كەچتىكى زىكىرغا خاس بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنى ياد ئەتكۈچىلەردۇر

التصنيفات

زىكىرنىڭ پەزىلىتى