كىمكى كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن دېسە، ئۇنىڭ گۇناھلىرى…

كىمكى كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن دېسە، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپىكىدەك كۆپ بولسىمۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن دېسە، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپىكىدەك كۆپ بولسىمۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېگەن كىشى توغرىسىدا، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرى گەرچە دېڭىز دولقۇنلىغاندا سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان ئاق كۆپۈكتەك كۆپ بولسىمۇ ئۆچۈرۈلۈپ، مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.

فوائد الحديث

بۇ تەسبىھ-زىكىرنى بىر كۈندە بىرلا قېتىمدا ھەممىسىنى دېسىمۇ ياكى بىر قانچە قېتىمدا دېسىمۇ بۇ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.

تەسبىھ دېگەن: ئاللاھ تائالانى بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكلاش، ھەمدە دېگەن: ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇنى مۇكەممەل سۈپەت بىلەن سۈپەتلەش.

ھەدىستە مەقسەت قىلىنغان خاتالىقلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى بولسا، كېچىك گۇناھلاردىن ئىبارەتتۇر. ئەمما چوڭ گۇناھ بولسا ئۇنىڭغا چوقۇم تەۋبە قىلىش كېرەك بولىدۇ.

التصنيفات

زىكىرنىڭ پەزىلىتى