إعدادات العرض
كىمكى سەپەردە بىر ئورۇنغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن :«ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھغا سېغىنىپ بارلىق نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسە،…
كىمكى سەپەردە بىر ئورۇنغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن :«ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھغا سېغىنىپ بارلىق نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسە، ئۇ كىشى چۈشكەن ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىپ بولغىچە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ
خەۋلە بىنتى ھەكىم سۈلەمىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى سەپەردە بىر ئورۇنغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن :«ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھغا سېغىنىپ بارلىق نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسە، ئۇ كىشى چۈشكەن ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىپ بولغىچە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ».
الترجمة
العربية Bosanski English Español فارسی Français اردو 中文 हिन्दी Bahasa Indonesia বাংলা Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் සිංහල မြန်မာ Русский ไทย Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Türkçe دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Wolof Soomaali Moore Українська Български Tagalog Azərbaycan ქართული тоҷикӣ bm Oromoo Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى سەپەر قىلغان بولسۇن ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن بىر يەرگە بارغاندا بولسۇن ياكى ھەر قانداق ئەھۋالدا، بىر يەرگە چۈشكەندە، ھەزەر قىلىدىغان ئىشتىن مەنپەئەت بېرىدىغان بىر نەرسىگە چېڭ ئېسىلىشقا يېتەكلىدى، ئۇ بولسىمۇ، پەزىلەت، بەرەكەت، مەنپەئەت بېرىشتە ھەر قانداق ئەيىپ-نۇقساندىن پاك، شۇ يەردىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىدىغان ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىسىگە ئىلتىجا قىلىش ۋە چېڭ ئېسىلىشقا بۇيرىدى. شۇنداق قىلغاندا، شۇ جايدا تۇرغان مۇددەتتە ئۇ يەردىكى ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.فوائد الحديث
ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ، پاناھلىق تەلەپ قىلىش ئىبادەتتۇر، ئۇ ئاللاھ بىلەن ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئەمما باشقا مەخلۇقلار بىلەن پاناھلىق تېلەش بولسا شېرىكتۇر.
بۇ دۇئانىڭ پەزىلىتى ۋە بەرىكىتىنى بايان قىلىدۇ.
زىكىرلەر بىلەن ساقلىنىش بەندىنىڭ يامانلىقتىن ساقلىنىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئاللاھتىن باشقا جىنلار، سېھرىگەرلەر، يالغانچى، كەززاپ دەججاللاردىن پاناھلىق تىلەشنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
سەپەردە بولسۇن ياكى مۇقىم تۇرغاندا بولسۇن بىر ئورۇنغا چۈشكەن كىشى ئۈچۈن بۇ دۇئانى ئوقۇش يولغا قويۇلغاندۇر.