سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشىسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشسىنى…

سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشىسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!

ئۇبەي ئىبنى كەئىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبىرىمىز: سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شامالنى تىللاشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغۇچى بىر مەخلۇقتۇر. ئۇنى تىللاش ئاللاھنى تىللىغاندەك بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ قازا ۋە قەدىرىگە غەزەپلىنىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سوراپ، يامانلىقىدىن پاناھ تىلەشكە بۇيرىدى. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، بۇ تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئەھۋالىدۇر

التصنيفات

ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بەرگەندە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر