إعدادات العرض
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە ئەۋەتىدىغان تۆگىلىرىگە ئاسىدىغان بويانچۇلارنى ئېشىپ، بەلگە قىلىپ، ئۇنى ئېسىپ قوياتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى…
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە ئەۋەتىدىغان تۆگىلىرىگە ئاسىدىغان بويانچۇلارنى ئېشىپ، بەلگە قىلىپ، ئۇنى ئېسىپ قوياتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەبىگە ئەۋەتىۋىتىپ، ئۆزى مەدىنىدە تۇرغىنىدا، ئېھراملىق كىشىلەرگە چەكلىنىدىغان نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكلەنمەيتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە ئەۋەتىدىغان تۆگىلىرىگە ئاسىدىغان بويانچۇقلارنى ئېشىپ، بەلگە قىلىپ، ئۇنى ئېسىپ قوياتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەبىگە ئەۋەتىۋىتىپ، ئۆزى مەدىنىدە تۇرغىنىدا، ئېھراملىق كىشىلەرگە چەكلىنىدىغان نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكلەنمەيتتى، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Hausa Português Kurdîالشرح
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيتۇللاھنى ئۇلۇغلايتتى ۋە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۆزى كىلەلمىسە ئۇنى ئۇلۇغلاپ، شۇ يەردە تۇرىۋاتقانلارغا كەڭىرچىلىك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، قۇربانلىق چارۋىلارنى ئەۋەتەتتى، قۇربانلىق مالنى ئەۋەتسە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بەيتۇللاھغا ئەۋەتىلگەن مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە يامانلىق يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بەلگە سېلىپ بىر نەرسە ئېسىپ قوياتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ خەۋەرنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئۇلاغنىڭ بويانچۇقلىرىنى ئېشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى مەدىنىدە تۇرۇپ قۇربانلىق چارۋىلارنى بەيتۇللاھغا ئەۋەتسە، ئېھراملىق كىشىلەر ساقلىنىدىغان خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، ئاياللارغا يېقىنلىشىش، تىكىلگەن نەرسىلەرنى كىيىشتەك ئىشلاردىن چەكلەنمەيتتى، بەلكى ھەممە نەرسە بۇرۇنقىدەك ھالال بولاتتىالتصنيفات
ھەدىيە ۋە كاپارەت