إعدادات العرض
1- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش-تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋىتىپ، قاسساپقا ئۇ نەرسىلەردىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە ئەۋەتىدىغان تۆگىلىرىگە ئاسىدىغان بويانچۇلارنى ئېشىپ، بەلگە قىلىپ، ئۇنى ئېسىپ قوياتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەبىگە ئەۋەتىۋىتىپ، ئۆزى مەدىنىدە تۇرغىنىدا، ئېھراملىق كىشىلەرگە چەكلىنىدىغان نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكلەنمەيتتى
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق تۆگىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «ئۇنىڭغا مېنىۋال!» دېدى، ئۇ ئادەم: بۇ قۇربانلىق تۆگە،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا مېنىۋال!» دېدى
4- بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھۈدەيبىيە يىلى بىر تۆگىنى يەتتە كىشىگە ۋە بىر كالىنى يەتتە كىشىگە قۇربانلىق قىلدۇق