پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش-تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋىتىپ، قاسساپقا ئۇ نەرسىلەردىن…

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش-تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋىتىپ، قاسساپقا ئۇ نەرسىلەردىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش-تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىپ، قاسساپقا ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قۇربانلىق چارۋا ئېلىپ كەلدى، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبمۇ يەمەندىن قۇربانلىق چارۋا ئېلىپ كەلدى، ئۇ كەمبەغەل-مىسكەنلەرگە سەدىقە قىلىنىدىغان بولغاچقا ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ بۇ چارۋىلار ياكى ئۇنىڭغا تەۋە نەرسىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ھەققى يوق ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلىنى قۇربانلىقنىڭ گۆش-تېرىلىرىدىن قاسساپقا ئىش ھەققى سۈپىتىدە بىر نەرسە بېرىشتىن توستى، ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى گۆش، تىرە ۋە توقۇملىرىدىن باشقا بىر نەرسىدىن بەردى

التصنيفات

مال بوغۇزلاش, ھەدىيە ۋە كاپارەت